باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيلى

2014.10.10 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

  مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى 9 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئۆگىنىپ، پارتگۇرۇپپىسى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ مەسىلىلەرنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئامما ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشى؛ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئاممىنى ئىشەندۈرۈشى؛ ‹‹مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان نىشان بىزنىڭ ۋەزىپىمىز››نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيەۋىلىك تونۇشىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى نەق جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئورگان ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگان ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر