باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخىي بۇرچ قانچە شەرەپلىك، كۈرەش نىشانى قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، خەۋپ ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى، ليۇ يۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى

2014.10.10 08:24   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخىي بۇرچ قانچە شەرەپلىك، كۈرەش نىشانى قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، خەۋپ ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەيپىيات ياخشى بولسا ئىستىل دۇرۇس بولىدۇ، ئىستىل دۇرۇس بولسا نىيەت بىردەك بولىدۇ، نىيەت بىردەك بولسا نەتىجە يارىتىلىدۇ. تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىكلەپ، پارتىيە ۋە خەلق رايىنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەت پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك قارارىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ پائالىيەت توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مەزكۇر پائالىيەت نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن ئىدىيە، تەشكىلىي، ئىستىل جەھەتتىن مۇھىم تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز