باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى (1)

2014.10.09 14:01   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى (1)

  8-ئۆكتەبىر ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ ، سەنشى قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى ، بېيجىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇنجى بولۇپ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سېرىق رەڭلىك ئاگداھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى . سەنشى تەييۈەندىكى قوش مۇنار تۇمان ئىچىدە قالدى . دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا سەنشى تەييۈەننىڭ شۇ كۈنكى ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 220 بولۇپ ، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى مەلۇم بولدى . ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئارقا-ئارقىدىن ‹‹تۇمانلىق ھاۋارايى ئەندىزىسى ››گە كىردى . مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى سائەت ئالتىدە تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى ، ھەمدە بۇ قېتىمقى تۇمانلىق ھاۋارايى 11-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ، دېدى .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز