باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى

2014.10.09 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىرى كالىفورنىيە قورۇقىدىكى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى رەسمىي قارار قىلغاندىن كېيىن، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسۋىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەتتا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەمەلدارلار، ئالىملار ۋە جامائەتچىلىك دىققەت قىلىدىغان ھەم مۇزاكىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئارمىيە تەرەپ يۇقىرى قاتلىمى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يۆنىلىش دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەقىل ئىسكىلاتى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى قانداق بەرپا قىلىش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئەقىل ئىسكىلاتى، بۇرۇكىنىس ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى جون ساندون جۇڭگو مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چېڭ يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئوباما ھۆكۈمىتىنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي تىلغا ئالمايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ يىل ئىيۇلدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى مەزگىلىدە، ئوباما ھۆكۈمىتى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بايانىنى قوللاندى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىگە بىر جەريان كېتىدۇ، ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى نۇرغۇن كونكىرت مەزمۇنلارنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئالايلۇق: ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش، توقۇنۇشماسلىق قاتارلىقلار. يەر شارىلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىش بىر چوڭ يۈزلىنىش. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان.

  ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە،نۆۋەتتە شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، توقۇنۇش يۈز بەرسىلا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ۋەدە بەرگەن توقۇنۇشماسلىق بىلەن زىت كېلىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېتەرلىك ئىشىنىش كەمچىل، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە يەنە بەزى ئۆزىنىڭ قارىشى بولىشى مۈمكىن.

  ئامېرىكىدىكى داڭلىق جۇڭگو مەسىلىسى بويىچە تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، ئاسىيا فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جون خوپىكىنىس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جۇڭگو تۈرى مۇدىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ كۆز قاراش ۋە نۇقتىنەزىرىنى ئىنتايىن قوللايمەن. ئۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئىككى يادرونى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛ بىرى تالاش تارتىش بولماسلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، چۈنكى ئىككى تەرەپ تالاش تارتىش بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ؛ يەنە بىرى ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش. بۇ نۇقتىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىدا قېيىنچىلىق مەۋجۈت، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەت تەلىپى مەۋجۈت.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە مۇھىم ھەم پايدىلىق بولغان ئاساسىي ئېقىم مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش. بۇ ساھەدە ھەمكارلىشىپ، باشقا تالاش تارتىش مەۋجۈت ساھەلەرنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇش. ئۇنىڭغا نىسبەتەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ بارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن، چۈنكى بۇ رېئال ئەمەس، ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە دەخلى تەرۈز قىلىشنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشقا تىرىشىدۇ. يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بىر ياخشى نۇقتىنەزەر. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر دىپلوماتىيە سىياسىتى ئىنتايىن ياخشى تەپەككۈر، ئۇنىڭ ئەڭ يادروسى ئىناق خوشنىدارچىلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ھازىرقى جورج مېيسىن ئۇنىۋېرستېتى ئاممىۋى سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پروفىسسورى پاتېرىك مېندس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بارلىق چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت مەۋجۈت، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق، ئاچقۇچ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىختىلاپلارنى قانداق باشقۇرۇپ كونترول قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەت ئاستىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىمۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى. يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە، بىز مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارغا توغرا قاراپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەربىي ئىشلار سۆزلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر