باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇشتىكى تۇيۇق يولنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى

2014.10.10 23:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى تۆنۈگۈن «گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سېستمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» ئېلان قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇشتا» مەركەزدىن يەرلىككىچە ھەتتا ئاساسىي قاتلامغىچە يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئوبوروت ئىستىمالنىڭ بارلىق جەريانىغىچە ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مەركەزنىڭ سىياسەت بۇيرۇقىنىڭ راۋان بولىشى، ئىجرا قىلغاندا شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىككە، ئۆز ئەينەن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇشتا» مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى ئاستا يەرلەر ۋاقىت جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىقىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىللەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ تاماملىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلام ۋە يېزا بازار مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىشى ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىدىكى «ئاخىرقى بىر كېلومېتىرنى» تاماملاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى كۆرۈنمەس رايونلارنى تۈگىتىپ، رايون خاراكتىرىلىك، سېستىمىلىق خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇشتا» مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:«شاڭخەي فۇشى ۋەقەسىدىن» چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشنى جارىي قىلدۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق يەرلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشى، جەمئىيەت بىرىكمە كۈچىنى بىرلىكتە تىزگىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر