باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەننىڭ جىڭگۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم

2014.10.10 23:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئازادلىق ئارمىيە باش شتابى ، باش سىياسىي بۆلۈم 9-ئۆكتەبىر بىرلىشىپ يوليورۇق چىقىرىپ، چېڭدۇ ھەربىي رايونى، ھاۋا ئارمىيىسى، 2-توپچىلار قىسمى، قۇراللىق ساقچى قىسىمدىن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەدبىر يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈننەننىڭ جىڭگۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  يوليورۇقتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىسىمنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئىلمىي تەشكىللەش لازىم. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاپەتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى بىر تۇتاش تەقسىملەپ، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تەشكىللەشنى چىڭىتىش لازىم. ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ قۇتقۇزۇپ، قۇرۇلۇش، داۋالاش قاتارلىق كەسپى كۈچلەرنىڭ ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەرلىكنى قۇتقۇزۇش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يېمەك ئىچمىكى، تۇرالغۇسى، داۋالىنىشى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەت قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر