باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاففانىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟

2014.10.10 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاففانىستاننىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى ئەشرەف غەنى يېقىندا قەسەم بېرىپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى رەقىبى، سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ئابدۇللا شۇ كۈنى ‹‹ھۆكۈمەت ئەمەلدارى›› بولدى. ئاففانىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولار؟

  يېڭى زۇڭتۇڭ ‹‹ھۆكۈمەت ئەمەلدارى›› بىلەن ھوقۇقنى قانداق بۆلۈشىدۇ؟

  غەنى بىلەن ئابدۇللا تۈزگەن ئىناق ھۆكۈمەت قۇرۇش كېلىشىمى بويىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ‹‹ھۆكۈمەت ئەمەلدارى››لىق خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىدۇ، بۇ خىزمەت ئورنى زۇڭلىلىق خىزمەت ئورنى بىلەن باراۋەر. بۇ، ئاففانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمە جەھەتتىكى زور ئۆزگىرىشىدۇر.

  يېڭى ئىچكى كابىنېتقا داۋاملىق زۇڭتۇڭ رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىچكى كابىنېت ‹‹ھۆكۈمەت ئەمەلدارى›› ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى، مىنىستىرلار، زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹ھۆكۈمەت ئەمەلدارى››نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتە زۇڭتۇڭغا تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بار. ئۇ مىنىستىرلارنىڭ ھەپتىلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولىدۇ، بۇ كېڭەش زۇڭتۇڭغا ئايدا بىر قېتىم دوكلات قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشمگە ئاساسەن، ئاففانىستاندا ئىككى يىلدىن كېيىن ئېچىلىدىغان مىللىي مەجلىستە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت ئەمەلدارى››، دېگەن نامنى ‹‹زۇڭلى›› غا ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  ئاففانىستان – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

  ئامېرىكا ئاففانىستانغا ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن دۆلەتنىڭ بىرى بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. غەنى سايلام رىقابىتىگە چۈشكەندە: زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسام، تېزدىن ‹‹ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى›› تۈزۈمەن، دەپ ئېنىق ئېيتقان. غەنى پات ئارىدا ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالايدىكەن. لېكىن ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، بۇ كېلىشىم توغرىسىدا توختالمىغان. پەقەت ئامېرىكا، كانادا، جۇڭگو، ھندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم ئافغانىستان تىنچلىقىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

  تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟

  غەنى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا تالىبانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى مەزھەپتىكى قوراللىق كۈچلەردىن ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، قورالنى تاشلاپ، مەسىلىنى تىنچ سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. لېكىن تالىبانلار قوشۇلمىدى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تالىبانلار يېڭى زۇڭتۇڭنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان.

  تالىباننىڭ قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى سالاھىيىتى ئۆزگەرگەن بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىدى، بەزىلەر سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغانلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ يەنىلا ئەگرى – توقاي بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  يېڭى زۇڭتۇڭ يەنە قانداق جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟

  ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى ئۇدا نەچچە يىل ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، خەلقئارا ياردەمگە ۋە چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارغا بېقىنىدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغان سايلام داۋامىدا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامالسىز چېكىنىپ، ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن خادىم ئىشسىز قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئاففانىستاننىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ قىيىنچىلىقتا قالدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئافغانىستاننىڭ ئالاھىدە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ساقچىلارنىڭ ھوقۇقى چوڭ بولۇپ، ئاسان چەكلىمىگە ئۇچرىمىغاچقا، بەزى تارماقلار، ھەربىيلەر، ساقچىلار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكتىن، چىرىكلىك ئېغىرلاشتى.

  غەنى زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، چىرىكلىككە زەربە بېرىمەن، ئىسلاھ قىلمەن، نامراتلىقنى ئازايتىمەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايمەن، دەپ ئېنىق ئېيتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر