باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېدىۋېدىف: رۇسىيە سىبىرىيەدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىماقچى

2014.10.10 23:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدىۋېدىف 9-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىشتا زۆرۈر بولغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئاساسىي مۇئەسسەسەسىنى لايىھەلەش، قۇرۇش ۋە ئىشلىتشنى ئومۇميۈزلۈك قوللىماقچى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2014- يىلى 5-ئايدا رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتى ئىمزالىغان تەبىئىي گاز سودا توختىمىنىڭ شەرقىي لىنىيەسى سىبىرىيە كۈچى تارماق ئېغىزىدىن ئۆتىدۇ.

  مېدىۋېدۋف مۇنداق دېدى: بۈگۈن ھۆكۈمەت شەرقىي لىنىيەدىن جۇڭگوغا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ئېكىسپورت قىلىش بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمىنى قاراپ چىقتى، بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاش رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت تەبئى گاز گۇرۇھى شىركىتى 5-ئايدا ئىمزالىغان سودا توختىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ شەرتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر