باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

APEC مەزگىلىدە بېيجىڭدا دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىللارغا تاق قوش نومىر بويىچە چەكلىمە قويىلىدۇ

2014.10.10 23:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمى يىغىنى نويابىردا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ تۆنۈگۈن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى دەم ئېلىشنى تەڭشەيدىكەن ھەمدە ۋاقىتلىق قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى بەش ئۆلكە ئاپتونوم رايون شەھەر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزگىلىدىكى ھاۋا سۈپىتىگە بىرلىكتە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى مەلۈم قىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ۋە دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى، شەھەر ھەرىكىتى قاتارلىق زۆرۈر خىزمەت ئورنىدىن باشقا، بېيجىڭدىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، كەسىپىي ئورۇنلار، ئىجىمائىي تەشكىلاتلار، بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق ئورگانلار، كەسىپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 7-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە جەمئىي 6 كۈن دەم ئالىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك مەمۇرىي رايوندىكى كارخانىلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقدار قاتناش قانۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 3-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە مەزكۈر شەھەر رايونىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا تاق ۋە قوش نومىر بويىچە يولغا چىقىش ۋاقىتلىق چەكلىمىسىنى يۈرگۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر