خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ كۆپ خىل تىل-يېزىقتىكى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 8-چېسلا فىرانكفورتتا باشلانغان خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىستىراتېگىيەسىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇلدى.
«شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»ناملىق بۇ كىتابنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى مەركىزىي ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەتئەل تىل-يېزىق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن بولۇپ، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، گېرمانچە، ياپونچە نۇسخىلىرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلدى. بۇ كىتابقا شى جىنپىڭ 2012-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2014-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە سۆزلىگەن سۆز، نۇتۇق، سوئال-جاۋاب، تەستىق، تەبرىكنامىلىرىدىن جەمئىي 79 پارچە كىرگۈزۈلگەن ۋە 18 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان. شى جىنپىڭنىڭ ھەرقايسى مەزگىللەردىكى 45 پارچە سۈرىتى بېرىلگەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى