باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇڭ لىي مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

2014.10.10 23:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لىي 9-ئۆكتەبىر ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىق قىبىلنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ياپونىيە ئامېرىكا ئىتىتپاقداشلىقى جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۈ كۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا خۇڭ لىي بىر مۇخبىرنىڭ خەۋەرگە قارىغاندا ياپونىيە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى 8-ئۆكتەبىر توكيودا دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ئىدارە دەرىجىلىكلەر كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىق قىبىلنامىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بەزى تاراتقۇلار دوكلاتتىكى قىسمەن مەزمۇنلاردا دىياۋيۈ ئارىلى ئىزاھلانغان دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، ھەر قانداق سىرتتىن كەلگەن بسىم جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قارارى ۋە ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابى رول ئويناشقا دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر