باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا بانكىسى يەر شارى ئۇل ئەسلىھە سەھنىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.10.10 23:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا بانكىسى 9-ئۆكتەبىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشقا ياردەم بېرىپ، غايەت زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەبلىغى كەمچىللىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈن يەر شارى ئۇل ئەسلىھە سەھنىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىلى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىگە سالغان مەبلىغى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، لېكىن ھازىرقى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش ھەمدە كەلگۈسى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 2020-يىلىدىن بۇرۇن ھەر يىلى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى كۆپەيتىپ سېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئاپپاراتلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەمدە مۇقىم بولغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.

  دۇنيا بانكىسى تور بېكىتىدىن ئايان بولۇشىچە، شۇ كۈنى 26 بانكا ۋە ئاپپارات بۇ ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىق سەھنىسى بىلەن شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، يەر شارى ئۇل ئەسلىھە سەھنىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن خىزمىتىنى باشلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر