باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەش قانۇنسىز يىغىلىشىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئازايدى

2014.10.09 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىياڭگاڭدىكى ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەش قانۇنسىز يىغىلىشىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 7-ئۆكتەبىر زور دەرىجىدە ئازايدى. لېكىن قانۇنسىز يىغىلغۇچىلار ئاساسىي يولنى ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈچۈن، قاتناش يەنىلا راۋانلاشمىدى. ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەشكە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قانۇنسىز يىغىلغۇچىلارنىڭ تىنچ چېكىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەشكە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى: قانۇنسىز يىغىلغۇچىلار تاش يوللارنى قانۇنسىز ئىگەللەپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ھازىرغىچە قاپسىۋېلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي تەرتىپىگە زور زىيان سالدى، ئىتتىپاقىمىز قانۇنسىز يىغىلغۇچىلارنىڭ دەرھال چېكىنىپ، يولنى خەلقكە قايتۇرۇپ بېرىشىنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، دېدى.

  ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەش يىغىلىشى شىياڭگاڭ ئىقتىسادىغا زور زىيان سالدى، ۋاڭجاۋ رايونىدىكى يايمىچىلار تەسىرگە ئەڭ چوڭ ئۇچرىغان ئاممىلارنىڭ بىرى، باغچا كوچىسىدىكى بىر دۇكاننىڭ خوجايىنى بۇ يىغىلىشنىڭ بالدۇراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شىياڭگاڭ نىگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ ئەيشى: شياڭگاڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت، ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەش قانۇنغا خىلاپ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر