بىر ئايال كورىيە يېزىقىدا ھۆسنخەت يازماقتا
9-ئۆكتەبىر ــ كورېيەنىڭ 568-نۆۋەتلىك كورېيە يېزىقى بايرىمى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ كۈنى كورېيە پايتەختى سېئۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ بايرام تەبرىكلەندى . كورېيە ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدىكى چاۋشيەن پادىشاھىنىڭ كورىيە يېزىقىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش ، شۇنداقلا كورېيە يېزىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە ھەر يىلى 9-ئۆكتەبىرنى ‹‹كورېيە يېزىقى كۈنى›› قىلىپ بەلگىلىگەن .