باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2014.10.09 13:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى-پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئابرۇيى ۋە ئوبرازىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ رايىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەت-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ توغرىلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى يۈرۈشلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت-بىزنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرىشىمىزنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئىدىيە، تەشكىللەش، ئىستىل جەھەتتىن مۇھىم تەييارلىق بولدى، ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز نامايان بولغۇسى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىش بېجىرىشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان بىر ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى. 2013-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، پائالىيەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، ھازىر ئاساسەن ئاياغلاشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ قاتناشتى، خەلق ئاممىسى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، قىزغىن قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن بىلەن پۈتكۈل پائالىيەت تەرتىپلىك، پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆزلەنگەن نىشانغا يېتىپ، مۇھىم نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ماركسىزملىق ئامما قارىشى جەھەتتە چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك شامىلى كۈچلۈك تۈزەلدى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى؛ ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تۈزۈمنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە چەكلىمە كۈچى كۈچەيتىلدى؛ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي تېخىمۇ پۇختىلاندى.

  شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەققىدە مۇنداق سەككىز تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ 2-ئىدىيەلىك پارتىيە قۇرۇش بىلەن تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ 3-پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇش؛ 4-كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ 5-ئىستىلنى داۋاملىق، چوڭقۇر ياخشىلاش؛ 6-پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش؛ 7-خەلقنىڭ نازارەت رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ 8-پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش ھەم راۋاجلاندۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر