باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەنىڭ جىڭگۇدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

2014.10.09 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە يۈننەننىڭ جىڭگۇ ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا خەتەردىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئومۇميۈلزۈك قانات يايدۇرۇلدى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

  يەر تەۋرەش يۈنەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پۇئېر شەھىرىنىڭ جىڭگۇ ناھىيەسىدە يۈز بەردى، تەۋرەش مەركىزى جىڭگۇ ناھىيە بازىرىغا 40 كىلومېىتىر كېلىدىغان يوڭپىڭ بازىرىغا توغرا كەلدى، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرىنچى بولۇپ، ئاپەت بولغان رايونغا كېلىپ ، خەتەردىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، چېڭدۇ ھەربىي رايونى، ھاۋا ئارمىيەسى، ئىككىنچى توپچىلار قىسىمى، قوراللىق ساقچى قىسىمى قاتارلىق ياردەمچى كۈچلەر دەرھال ئاپەت رايونىغا باردى.

  نۆۋەتتە ئاپەت بولغان رايوندا 300 دىن ئارتۇق يارىدار جىڭگۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقتا.

  نۆۋەتتە يۈننەن ئۆلكىسى ئاپەت بولغان رايونغا 11 مىڭ چېدىر، 10 مىڭ توپ رەخت ۋە يوتقان كۆرپە، پەلتۇ، كىيىمدىن ھەر بىرىدىن 11 مىڭ قۇر يۆتكىدى، كېچىلەپ رىمونت قىلىش ئارقىسىدا ئوتتۇرىدا ئۈزۈلۈپ قالغان ئاپەت بولغان رايوننىڭ خەۋەرلىشىش سىگنالى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى، ئاپەت بولغان رايوندا قاتناش ئاساسەن راۋان بولدى.

  ئايروپىلاندىن تارتىلغان سۆرەتكە قارىغاندا يوڭپىڭ بازىرىدىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىمىغان، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ئىكەن، مۇتەخەسسسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 8-ئايدا يۈننەننىڭ لۇدىيەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش دەرىجىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما يارىدارلار ۋە قازا قىلغانلار نىسبەتەن ئاز، بۇ شۇ جايدىكى نوپۇسنىڭ ئازلىقى، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىقىلىقى، گىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  كەلگۈسى ئۈچ كۈندە يۈننەننىڭ جىڭگۇ ناھىيەسىدە ھاۋا رايى ئاساسلىقى ئالدى بىلەن ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلۇق بولىدۇ، بۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پايدىلىق، ئەمما 11-ئۆكتەبىردىن 14-ئۆكتەبىرگىچە شۇ جايدا ئازراق ۋە ئوتتۇرىھال يامغۇر يېغىشى مۇمكىن، ھاۋا رايى تارماقلىرى ئاپەت بولغان رايوننى يەنە بىر قېتىم ئاپەت بولۇشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر