خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھەر يېڭشەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ياقۇپجان ئىلھام ئۆز يېنىدىن 4050 يۈەن چىقىرىپ شۇ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 28 ئوقۇغۇچىغا بىر يۈرۈشتىن قىشلىق كىيىم-كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
سۈرەتتە: ياقۇپجان مۇئەللىم ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك تارقىتىپ بەرمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى