خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پىلانلىغان 20 قىسىملىق چوڭ تىپلىق تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك فىلىمى «تارىم دەرياسى» تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان ئاۋات ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى.
ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە يەكەن دەرياسى ئاۋات ناھىيەسىدە قوشۇلۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولغان تارىم دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تارىم دەرياسى شىنجاڭدا «ئانا دەريا» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى