توققۇز كۈن داۋاملىشىدىغان 2015-يىللىق پارىژ ئەتىياز، ياز پەسىللىك كىيىم-كېچەك مودا ھەپتىلىكى 23-سېنتەبىر پارىژدا باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كىيىم-كېچەك مودا ھەپتىلىكىدە 100 مەيدان كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ يېڭى ئەسەرلىرى نامايان قىلىنىدىكەن.