باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرمىنىيە پىرېزىدېنتى ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا كىرىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى

2014.10.11 10:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەرمىنىيە پىرېزىدېنتى ئاخبارات ئىدارىسى 10-ئۆكتەبىر خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەرمىنىيە پىرېزىدېنتى سارگىشان شۇ كۈنى بىلورۇسىيەنىڭ مەركىزى مىنسىكتا ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ئەرمىنىيەنىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى شەرتنامىسىغا كىرىشىگە ئالاقىدار ھۆججەتنى ئىمزالىدى. ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى رۇسىيە، بىلورۇسىيە، قازاقىستان پىرېزىدېنتلىرى ئىمزالىغان. شەرتنامىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھەرىكەتكە كېلىدۇ، ھەمدە 2025-يىلدىن ئىلگىرى تاۋار، مۇلازىمەت، كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر