باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقنى زورايتىش مۇراجىئەت قىلىندى

2014.10.11 10:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىلىياسۇن، 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى كۇتەيسا 10-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئىبولا يۇقۇمى يەر شارى خارەكتېرلىك كىرىزىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، ھەر قايسى تەرەپلەر مەبلەغ، ئادەم قاتارلىق جەھەتلەردە ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى قوللىشى كېرەك. 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى شۇ كۈنى ئىبولا يۇقۇمى ئەھۋالى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى. ئىلياسون يىغىندا مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئىبولا يۇقۇمىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئۆتكەن ئايدا قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىبولا يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەكتىكى 80 كىشى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان رايونغا يېتىپ باردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. نۆۋەتتە بۇنىڭ تۆتتەن بىر قىسمى ئەمەلىيلەشتى. ئۇندىن باشقا، يۇقۇم بايقالغان رايون تەربىيەلەنگەن تىببىي خادىملارغا جىددىي مۇھتاج بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر