- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
موڭغۇلىيەدە ئارخېئولوگيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرلۈك خارابىدىن 140 تەكشۈرۈلدى
2014.10.13 08:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن موڭغۇلىيە كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى تەتقىقاتى خەلقئارا ئىنىسىتىتوتىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيەدىكى 12 ئۆلكىدە ئارخېئولوگيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك خارابىدىن 140نى تەكشۈردى، بۇلار تاش قوراللىرى دەۋرى، بىرونزا قوراللار دەۋرى، ھونلار، تۇرۈكلەر، ئۇيغۇرلار، قىتانلار، موڭغۇللار ۋە يۈەن، مىڭ، چىڭ قاتارلىق نۇرغۇن دەۋرلەرگە چېتىلىدۇ.
موڭغۇلىيە كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيەتى تەتقىقاتى خەلقئارا ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى ئوچىر 10-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئارخىئولوگيە ئاپپاراتلىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان موڭغۇلىيەدە قەدىمقى چارۋىچى مىللەتلەر مەدەنىيەتىگە ئالاقىدار ئاسارە ئەتىقىلەرنى ئارخئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش تۈرىنى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە 2005-يلىدىن باشلاپ ئارخىئولوگيە جەھەتتە ھەمكارلاشقان، ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ھەمكارلىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر