باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتتى

2014.10.13 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەستىقلىغان «يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»گە ئاساسەن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سەنشى، خۇبېي قاتارلىق ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بۇ يىل تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن يايلاققا بەش مىليون مو قايتۇرۇش ۋەزىپىسى چۈشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمى تۆت مىليون 830 مىڭ مو، تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇش كۆلىمى 170 مىڭ مو بولىدۇ.

  ئومۇمىي لايىھەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇش تولۇقلىما سىياسىتى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشتا ھەر موسىغا 1500 يۈەن، تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇشتا ھەر موسىغا 800 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغى ئۈچكە بۆلۈنۈپ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە چۈشۈرۈلىدۇ، ھەر موسىغا 1-يىلى 800 يۈەن، 3-يىلى 300 يۈەن، 5-يىلى 400 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇشنىڭ تولۇقلىما مەبلىغى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ چۈشۈرۈلىدۇ، ھەر موسىغا 1-يىلى 500 يۈەن، 3-يىلى 300 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇمىي لايىھەدە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت-تەشۋىقات، تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك راسخوتنى ئاساسلىقى ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ، مەركەز مالىيەسى مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  يۇقىرىقى تولۇقلىما سىياسىتىگە ئاساسەن، بۇ يىل مەركەز مالىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن يايلاققا قايتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن ئىككى مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر