باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئوقۇغۇچىلار ئارقا ئىشىكتىن كىرىش» قىلمىشىنى تۈگىتىشتە، توسۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ

2014.04.22 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، مەكتەپ تاللاش، ئارقا ئىشىك ئارقىلىق مەكتەپكە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدىكى مۇنازىرە ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر ھەققىدىكى گەپلەرنى تولا ئاڭلايمىز، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئادىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاممىنىڭ ئورتاق ساداسى ۋە تەلىپى بولۇپ قالدى.

  ئاتا-ئانىلارلا ئەمەس، مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ بۇنىڭدىن جىق تويدى. رەڭگارەڭ مۇناسىۋەت، تۈرلۈك-تۈمەن خىل ئارقا ئىشىكلەر ياخشى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى بەكلا پاراكەندە قىلماقتا. ئۇلار يا تېلېفوننى تاقاپ، «يوقاپ كېتىدۇ»، دوقۇرۇپ قالغانلىرىدا خەققە سەت كۆرۈنىدۇ. تۈرلۈك ئارقا ئىشىكلەرنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى خاتىرجەم ئېلىپ بېرىش نۇرغۇن مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى.

  ئۆزگىچە مائارىپ ئېكولوگىيەسى سەۋەبىدىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مائارىپ سىياسىتى كۆپ ھاللاردا «بايراق»لىق رولىنى ئوينايدۇ. ئۆتكەن جۈمە كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشقا كىرىش چارىسىنى ئېلان قىلدى، چارىدە ئىدارە-ئورگان يولى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش پىرىنسىپىنى چىڭىتىش ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىمۇ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

  بۇرۇنقى تۈزۈم لايىھەسىگە سېلىشتۇرساق ئاسانلا بايقىيالايمىزكى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەممىگە تەكشى قاراش ئومۇمىي ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر