باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ش ج ئا ئە ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە يۇقۇرى باھا بېرىلدى

2014.04.28 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20-قېتىملىق جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كېڭىشى يىغىنىدا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى.

  تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى پۇختا، ساھەسى كەڭ، ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان، ئىككى تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ تۈۋرۈكى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيلى ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە ياكى خەلقئارا قاتلامدىن بولسۇن، جۇڭگو يەنىلا ئاساسلىق شېرىك، جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئىككىنچى ئون يىلغا قەدەم قويدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان 7+2 ھەمكارلىق رامكىسىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئالدىنقى ئايدا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن « جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ھەرىكەت خىتاپنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ 10-قېتىملىق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مالايسيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ جانلىق سۆزلەشكۈچى شېرىك، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ھەقىقىى ئىش قىلىپ، ئالاقىدار تەشەببۇسلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق، مالايسىيە جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، مانىۋېرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ رايونلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ھىندونوزىيە، تايلاند، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ جۇڭگو شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارشلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مەقسىتى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سىياسىي جەھەتتە بىخەتەر، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش مەقسىتى بىلەن بىردەك، بۇ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنشىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  سىنگاپور، ھىندونوزىيە، بىرونىي قاتارلىق دۆلەتلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا كېلىشىمى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلەشكۈچى شېرىكلەر ئىمزالىغان بىرىنچى ئەركىن سودا كېلىشىمى بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئورتاق غەلبە قىلىش تەشەببۇسى، ئۇ جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سۆھبىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، رايونلارنىڭ تېخىمۇ ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي قېلىپىنى ھاسىل قىلىدۇ.

  تايلاند، بىرونىي، كامبۇدژا قاتالرىق دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئەيتتى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارىدى، سىنگاپور ئاسىيا ئۇل ئەسلھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ سودا بانكىسى ۋە ھازىرقى كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىلگەن ئاپپاراتلار تېخى تولۇق قاپلانمىغان ساھەلەرگە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مۇددەت پايدا بېرىدىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، دۇنيا بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاش قېلىپى ھاسىل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى قارشى ئالدى ھەمدە: بۇ تەشەببۇستا جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئالاھىدىلىكى ئەكس ئېتىپتۇ، بۇ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشى، ئورتاق گۈللىىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا بۇ رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ دەپ قارىدى، تايلاند مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەشەببۇس قۇرۇق بىر ئۇقۇم ئەمەس، ئۇنىڭدا جۇڭگو شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى پورت شەھەرلىرى ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىش، دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، دېڭىز ئۈستى ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق كونكېرىت ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنى قارشى ئالىدۇ.

  ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىككى تەرەپنىڭ 2014-يىللىق جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە يۇقۇرى باھا بەردى، جۇڭگونىڭ 4-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ جۇڭگو ـ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى تونۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ ھىسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر