- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كىتاب ئوقۇشنى مەملىكەتلىك بايرام قىلىش كېرەك
جۇ يۇڭشىن
2014.04.22 13:29 مەنبە: خەلق تورى
مەملىكىتىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى بار. لېكىن تار دائىرىلىك ئوقۇش كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنى كىتابنى رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغان قىلىپ قويىدۇ. دۆلەت نۇقتىسىدىن كىتاب ئوقۇشنى مەملىكەتلىك بايرام قىلىپ بېكىتىپ، كىتاب ئوقۇشقا بولغان تونۇشىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، كىتاب ئوقۇشنى شەيئىيلەرنىڭ ماھىيىتىگە بولغان ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھمىيىتىنى ئاممىغا تونۇتۇش، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئاڭلىق، ئىختىيارىي ھالدا كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىشكە قاتنىشىدىغان قىلىش كېرەك.
كىتاب ئوقۇشنىڭ تەربىيە ئېلىشنىڭ ئاساسىي يولى. كىتاب ئوقۇشنى دۆلەت دەرىجىلىك بايرامغا ئايلاندۇرغاندا، شەخسنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەملىكەت مىقياسىدا ئالاقە سۇپىسى ھازىرلاپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر