باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.22 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنستىر لى كېچياڭ 18- ئاپرېل يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتىگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە زور تۈرلەر تەتقىق قىلىنىپ مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنستىر جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇمان قاتارلىق بۇلغىمىلارغا جەڭ ئېلان قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسرايدىغان ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا سۈپىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈمۈملۈك، بىخەتەر، سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشنى قوللاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئوكيان نېفىتلىكىنى تەكشۈرۈش ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىلانېتس گازى، كۆمۈر گازى قاتارلىق ئېنېرگىيەنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئەندىزسىدە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە بىر تۈركۈم زور تۈرلەردە ئىش باشلاش كېرەك. خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى قوللىنىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، مۇۋاپىق پەيتتە شەرقىي دېڭىز بويى رايونىدا يېڭىدىن يادرو ئېلېكتىر نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، مۇۋاپىق سۇ ئېلېكتىر تۈرىدە تەرتىپلىك ئىش باشلاش كېرەك. شامال ئېنېرگىيەسى، قوياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش بازىسى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر قۇۋۋىتى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يىراق ئارىلىقلىق سىغىمچانلىقى چوڭ توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ يىل پىلان بويىچە ئىش باشلىنىدىغان قۇرۇلۇشقا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ۋە دائىملىق تېخنىكىلىق «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» يولىنى ئىشلىتىش كېرەك. توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈرلۈك مەبلەغ سالغۇچى گەۋدىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئادىل رىقابەتلىشىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق بولمايدۇ. چوقۇم ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشمىز كېرەك، ئېنېرگىيە، مۇھىت، باج ھەققى ئىسلاھاتى ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش بىلەن بىۋاسىتە، زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە جابدۇقلارنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئىسلاھاتىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بىز سىرتقا يۈزلىنىشتە، بىخەتەرلىكتە ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر