باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.01.31 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 31- يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى. پۇقراۋى كارخانىلار ۋە چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قىلىنغان پۇللىرىنىڭ پاكىز تۆلىتىلىپ ھېساباتنىڭ تازىلىنىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلىدى. يىغىندا يەنە، نېسى قىلىنغان پۇللارنى پاكىز تۆلىتىپ ھېساباتنى تازىلىتىش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋەبۇ جەھەتتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەمدە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، «براك ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇلتۇر 11- ئايدىن بۇيان، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلار ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قىلىنغان پۇللىرىنى پاكىز تۆلەپ ھېساباتنى تازىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلار تەرىپىدىن تازىلانغان ھېسابات ۋە پاكىز تۆلەپ بولۇنغان پۇللارنىڭ سانى 160 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەقلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پۇللىرىنى پاكىز تۆلەپ ھېساباتنى تازىلاش ئىشىنى ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەت ئورنىغا قويۇلۇپ ئىشلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، تۆۋەندىكىدەك ئىككى جەھەتتىكى ئىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك: بىرىنچىدىن، نېسى قالدۇرۇلغان پۇللارنى پاكىز تۆلىتىپ ھېساباتنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەخسۇس تۈردىكى مەشغۇلات دەپتىرى تۇتۇپ، نېسى قالدۇرۇلغان پۇللارنى پاكىز تۆلىتىپ ھېساباتنى تازىلاش پىلانى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ نېسى قېلىش مەسىلىسىنى چاغاندىن بۇرۇن تىرىشىپ "تەل-تۆكۈس يوقىتىش" كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز چەكلىرى ئالدى بىلەن نېسى قېلىنغان پۇللارنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى چوقۇم زايوم تارقىتىش ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە قۇراللىرى ئارقىلىق، ئالماشتۇرغان ساقلانما قەرزلەردىن تېجەلگەن ئۆسۈم چىقىمىنىڭ ھەممىسىنى نېسى قالغان پۇللارنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيان نېسى قالدۇرۇلغانلىقى ھازىرقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پۇللار مەسىلىسىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلار چوقۇم تىرىشىپ بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۇ پۇللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تۆلەپ بولۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى ئەسلىدە پۇقراۋى كارخانىلارغا تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان، ئەمما تۆلەش قەرەلى ئۆتۈپ كېتىپ ھازىرغىچە تۆلىمىگەن قەرزلىرنى تۆلەشتە چوقۇم باشلامچى بولۇپ، ئۇ قەرز پۇللارنى ئالدى بىلەن تۆلەپ بېرىپ، نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن چوقۇم تۈگىتىش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى باشقا چوڭ كارخانىلارمۇ نېسى پۇللارنى قايتۇرۇپ ھېساباتلارنى تازىلاشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مەخسۇس تۈرلەر مۇپەتىشلىكىنى كۈچەيتىش، خىزمەتتە كۈچلۈك بولمىغان جايلار ۋە تارماقلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنبىھلەش، تەسىرى يامان بولغان تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشىكارىلاش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەملەرگە بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يىغىۋېلىشى تۈسىنى ئالغان ھالدىكى كۆتۈرە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش، قۇرۇلۇش سۈرئىتى پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبەت تەلىپىنى ئۆستۈرۈپ، نىزام ۋە تۈزۈملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋەئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن قەرز قېلىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر