باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى پاي چېكى شىركىتىنىڭ 2018ـ يىللىق ساپ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن 1.4 ھەسسىگىچە ئاشقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

2019.01.31 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى 30- يانۋار كەچتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئاشىكارىلىنىشچە: 2018- يىلى، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پايچىكلارغا تەۋە بولغان ساپ پايدىسىنىڭ 179 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن 214 مىليون 800 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغىچە ئېشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. دېمەك، ئۇنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 89 مىليون 590 مىڭ يۈەندىن 125 مىليون 390 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغىچە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100.20دىن %140.24گىچە ئاشقان.

  نەتىجىلەرنىڭ مۆلچەردىكى ئېشىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشتا ئاشىكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىللىق ئېشىش نىسبىتىنىڭ بۇنچە يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى،بۇنىڭدا، خەلق تورىنىڭ يەرلىكتىكى تارماق شىركەتلىرىنىڭ كىرىملىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان؛ 3-تەرەپ يوللىغان ماقالە مەزمۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كەسپىدىن ئېرىشكەن كىرىملەردە ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل كىرىملەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.16 ئاشقان. خەلق تورىغا تەۋە بالا شىركەتلەرنىڭ خەلق تورىدىكى ھەر قايسى پىروگراممىلىرى، مەسىلەن، "خەلق تەنتەربىيەسى"نىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ ھەممىسى زور دەرىجىدە ئاشقان؛ خەلق تورى ئىشلەپ چىققان خەلق ساغلاملىقى پىروگراممىسىدىكى"خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى" ناملىقAPPنىڭ، بولۇپمۇ ئالما شىركىتىنىڭAPP ماگىزىنىدىن، يەنى App StoreApple دىن چۈشۈرۈلۈپ داۋالاش ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىلىشى پۈتۈن APPلەرنىڭ قوللىنىلىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان؛"ساغلاملىق باشقۇرۇش"، "ساغلاملىق سۇغۇرتىسى" قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ بازار ئېچىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇ جەھەتلەردە زور بۆسۈشلەر ھاسىل قىلىنغان.

  ئاكسىيە كودى: 603000؛ ئاكسىيەنىڭ قىسقارتىلما نامى: خەلق تورى؛ ئېلان نومۇرى: ۋاقىتلىق 2019-001

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر