باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 2019-يىللىق تۇنجى نۆۋەت چاغانلىق يولۇچى توشۇش ۋاقىتلىق پويىزى قاتنىدى

2019.01.31 09:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تەن شياۋيى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:07 ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە قاتنايدىغان K4668/5-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى 1220 نەپەر يولۇچىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بۇ پويىز شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى يولغا قويغان 2019-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش بويىچە تۇنجى قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن چاغاننىڭ ئالدىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي، چېڭدۇ، چۇڭچىڭغا قاتنايدىغان ھەرقايسى پويىزلارنىڭ يۇمشاق كارىۋات، قاتتىق كارىۋات بېلەتلىرى سېتىلىپ تۈگىگەن، پەقەت قىسمەن ئورۇندۇق بېلىتىلا ئېشىپ قالغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يولۇچىلار ئېقىمىغا قارىتىلغان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى كۆپەيتكەن بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى ئاساسلىقى شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە قاتنايدىغان K680-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش رايون بۆلىكى ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭغا ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭدىن سىچۈەن، چۇڭچىڭ يۆنىلىشىگە بولغان يولۇچى تىرانسپورت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر