باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «پىكىر» نى تارقىتىشىنى تەستىقلىدى

قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش ئىسلاھاتى ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربەيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك

2016.03.25 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش ئىسلاھاتى ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى ۋە ‹پارتىيە نىزامنامىسى،پارتىيە نىزامى ۋە بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش› بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيەدە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش ئىسلاھاتى ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە « پارتىيە نىزامنامىسى،پارتىيە نىزامى ۋە بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەلەش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بايانىنى مۇھىم ۋەزىپە ۋە مەركىزىي مەزمۇن قىلىپ، قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەركەزلىك ئېڭى، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، پارتىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش، نوپۇزنى قوغداشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتى رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا مۇتلەق بوي سۇنۇش؛ ئىرادە ۋە كۈچنى كۈچەپ مۇجەسسەملەش، قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەيتىش؛ جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن ئىسلاھاتنى ھىمايە قىلىش، قوللاش ۋە ئىسلاھاتقا ئاتلىىش؛ كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەپ تۇرغۇزۇپ، غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تۈزۈلمە ئاستىدا بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ كەيپىياتنى كۈچەپ ساپلاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي ھەربىي ۋە لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، پولاتتەك ئېتىقاد، ئىشەنچ، ئىنتىزام ۋە مەسئۇلىيەنى زىممىسىگە ئالىدىغان پولاتتەك مۇستەھكەم قوشۇن بەرپا قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر