باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: زەھەرگە خۇمار بولۇپ تاشلىمىغان 140 مىڭ زەھەر چەككۈچىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىندى

2016.03.25 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ۋەقە پەيدا قىلىش جامائەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يېڭى مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى، زەھەرنى مەنئى قىلىش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىرلىشىپ، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يوشۇرۇن خەۋپ كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى مەنبەدىن تۈگىتىش ئۈچۈن، زەھەرگە خۇمار بولۇپ تاشلىمىغان 140 مىڭ زەھەر چەككۈچىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان؛ 2000 دىن كۆپ زەھەر چەككۈچىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە قىلغان ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە رەت قىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بىلەن پائال ماسلىشىپ، نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش»نى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈشنى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر