باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھات ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى

2014.04.22 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى دەل ئالدىراش بولىدىغان مەزگىل. بۇ يىللىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشدا يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى- ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالدى. دېھقانلارنىڭ يەرلىرى، تۇرالغۇسىغا قەرز بېرىشكە بولىدۇ، بىر قاتار ئىسلاھات يېڭى تەدبىرلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى چىڭ چياۋ كەنتىدىكى دېھقان رېن جيەنجۇڭنىڭ ھازىر يېزا ئىگىلىكى كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى دېگەن يېڭى سالاھىيىتى بار. ھازىرقى كەنت يەرلىرى ئاساسەن كوپىراتىپ قاتارلىق يېڭى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىپلىرىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى، يېزا ئىگىلىكى كوپىراتىپلىرى رېن جيەنيۇڭدەك مول يەر تېرىش تەجرىبىسى بولغان كىشىلەرنى كەسپىي دىرېكتورلۇققا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار مەخسۇس يەر تېرىيدۇ. ئۇلارنىڭ يەر تېرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمىتىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، دېھقانلارنىڭ يەرلىرى ۋە تۇرالغۇلىرىغا رەنىلىك قەرز بېرىشكە بولىدۇ. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشياڭدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى لى فېڭپىڭنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى بولۇپ، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى بانكىسى ئۇنىڭغا بىر مىليون يۈەن قەرز بەردى. يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر مۇشۇنداق يېڭى يېزا ئىگىلىكى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى جياڭسۇ، خۇبېي، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا سىناق قىلىنىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر