باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئون خىل چارە ئارقىلىق، بالىلاردىكى تاماق تاللاش ئادىتىنى يوقىتىش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ

2018.10.11 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاماق تاللاش بەلكىم كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ «ئورتاق كېسىلى» بولۇشى مۇمكىن. بالىلاردىكى بۇ «ئورتاق كېسەل» نى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىز ئامېرىكا بالىلار ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ناتالىيدى. گاتمۇس ۋە ساللىي. سامىپسون ئورتاق تەشەببۇس قىلغان ئون خىل چارە ئارقىلىق، بالىلاردىكى تاماق تاللاش ئادىتىنى يوقىتىش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

  1. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاماق تاللىماسلىقىنى ئارزۇ قىلسا، ئەڭ ئاۋۋال چوقۇم ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ بالىلارغا تاماق تاللىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەۋى بىلىم بېرىشى كېرەك. ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم ئوزۇقلۇق تەكشى بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئانىنىڭ يېمەكلىك تاللىشى باش سۈيى بىلەن سۈتنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا بالىلارغا ياخشى بولغان تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

  2. يېمەكلىكنى ئاتا-ئانىلار تاللىشى، بالىلار قارار چىقىرىشى كېرەك

  ئاتا-ئانىلار ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشى كېرەك. بىراق، نېمە يېيىش، قانچىلىك يېيىش قاتارلىقلارنى پەرزەنتلەر ئۆزى قارار چىقىرىشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ئانىلار بالىلارنى ساغلام بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاشقا پائال يېتەكلەپ، پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  3. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا يېڭى يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈپ سىناپ بېقىشى كېرەك

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۆپ خىل نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇشقا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى بالا سىناق قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى قانچە كۆپ يېسە، ئاندىن تاماق تاللىمايدىغان بولىدۇ.

  4. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاماقنى چوقۇم پاكىز يېيىشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك

  نۇرغۇن ئاتا-ئانا دائىم بالىلارنىڭ ھەممە تاماقنى قالدۇرماي يېيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بالىلارغا «پاكىز يېيىش» تەلىپىنى قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى بەدەننىڭ يېمەكلىك ئېھتىياجىغا ئاساسەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان ياشلىقلار، ئوغۇل-قىزلار ۋە بالىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىدىكى پەرق تۈپەيلى بالىلارنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئوخشىمايدۇ ھەم تاماقنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا بالىدىن مەجبۇرىي تاماق يەپ «تەخسە قۇرۇقداش» نى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك، بالىلارنى چوقۇم بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.

  5 . ئاتا-ئانىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بالىلارنى مۇكاپاتلىماسلىقى كېرەك

  ئاتا-ئانىلارنىڭ تاتلىق-تۇرۇم نەرسىلەر ۋە ياكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بالىلارنى مۇكاپاتلىشى بالىلارنى كۆكتات يېيىشتەك ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بالىلارنى مۇكاپاتلىماسلىقى كېرەك.

  6 . ئاتا-ئانىلار ئامال بار بالىلارغا كۆپ ھەمراھ بولۇپ، بىللە تاماق يېيىشى كېرەك

  بىر ئائىلە بولغاندىكىن، ئۆيدىكىلەر ئامالنىڭ بېرىچە ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يېيىشى، بىللە تاماق يېيىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىپ، ئادەمگە قاراپ تاماق تەييارلاش كېرەك. بولمىسا ئاسانلا بالىلاردىكى تاماق تاللايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.

  7. ئاتا-ئانىلار ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىللە تاماق يېيىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەر قېتىملىق تاماقنى بىللە يېيىشىنى چوقۇم ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىمكانقەدەر بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆپرەك بىللە كۆكتات سېتىۋېلىش، بىللە تاماق ئېتىش كېرەك، شۇنداقلا، تاماق يېگەندە تېلېۋىزور كۆرمەي ۋە يان تېلېفون ئوينىماي، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىناق، ئىللىق كەيپىيات بىلەن تاماق يەپ، يېمەك-ئىچمەكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  8. ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن ئوزۇقلۇق ئىلمى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى بىللە ئۆگىنىشى كېرەك

  يەپ باقمىغان، كۆرۈپ باقمىغان يېڭى يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن، بالىلاردا دائىم بىر خىل ياتسىراش ۋە ئەيمىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ھېكايە سۆزلەش، ئويۇن ئويناش، ئېتىزلارغا بېرىش، بالىلار بىلەن بىللە ئوزۇقلۇققا ئائىت ساۋاتلارنى ئىگىلەش، ئوزۇقلۇق مەنبەسى ۋە يېمەكلىك ئىشلەش جەريانى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بالىلاردا يېڭى يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  9. بالىلاردا يېڭى يېمەكلىككە قارىتا قىزىقىش شەكىلەندۇرۇش كېرەك

  ئاتا-ئانىلار ئەركىن-ئازادە غىزالىنىش مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق، بالىلار بىلەن ئۆزئارا ئازراق ئويۇن ئويناپ، بالىلاردا يېڭى يېمەكلىككە نىسبەتەن قىزىقىش شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرگىز تاماق شىرەسى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا «دەرس » بېرىدىغان جايى بولۇپ قالماسلىقى، بالىلارغا تاماق ۋاقتىدا روھىي بېسىم چۈشۈرۈپ، تاماق يېگەندە بالىغا ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  10 . ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن يېتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، بالىلارنىڭ تاماققا نىسبەتەن ئىشتىھاسى ۋە ئېھتىياجى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار تاماقنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ، جانلىق تەڭشىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر