باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى

2018.10.11 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا، «مەملىكەت بويىچە <كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش> ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش»ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق كىنىشكا-گۇۋاھنامىلەرنى ئىخچاملاپ، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، كۆزلىگىلى بولىدىغان بازار ئىجازىتى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت دائىرىسىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان 106 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەستىقلاشنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەستىقلاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىشنى يولغا قويۇش، ئىجازەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇل بويىچە، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر