- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ 9-، 10-ئايدىكى ئاۋات ھالىتىنىڭ بوشىغانلىقىنى، ئۆي باھاسىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
2018.09.29 17:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر ۋە رىقابەت كۈچى تەتقىقات مەركىزى «2018-يىللىق جۇڭگو تۇرالغۇ ئۆي بازىرى تەرەققىياتى ئايلىق تەھلىل دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ). دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، 1-سەپتىكى، كاندىدات 1-سەپتىكى ۋە شۇنىڭدەك 2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرى 9-ئاي، 10-ئايدا ئىلگىرىكىدەك ئاۋات بولمىدى، ئۆي باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە تۆۋەنلىدى. 3-، 4-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
نۆۋەتتە تۇرالغۇ ئۆي بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر:
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە ئازراق ئاشتى، لېكىن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن زىدىيەتنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىش تەس. 2018-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان، بېيجىڭنىڭ ئۆي باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى، شاڭخەينىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىدى، شېنجېندا ئازراق ئۆرلىدى، گۇاڭجۇدا ئۆسۈشى تېزرەك بولدى.
1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بازىرىدا، تەمىنلەشنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى كىچىك، ئېھتىياجنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، تۇرالغۇ ئۆينىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرسىدىكى زىدىيىتى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
كاندىدات 1-سەپتىكى، شۇنىڭدەك 2- سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، لېكىن ئۆي باھاسى مۆلچەرىدىن قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپ.
كاندىدات 1-سەپتىىكى، شۇنىڭدەك 2-سەپتىكى شەھەرلەر جۇڭگونىڭ شەھەر سىستېمىسىدا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلاپ تۇرۇشتەك ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقتىن، كاندىدات 1-سەپتىكى، شۇنىڭدەك 2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى مۆلچەرىدىن قارىغاندا ۋاقىت جەھەتتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت.
3-، 4- سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى تېز تۆۋەنلىدى، لېكىن قالدۇق مىقدارى ئاز بولۇش ۋە يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ قېلىش بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولماقتا.
نۆۋەتتىكى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەھلىل ۋە مۆلچەر:
دوكلاتتا مۇنداق تەھلىل قىلىندى: مەركەزنىڭ كۆرسەتمە بېرىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئېشىشىنى قەتئىي تىزگىنلىشى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش مۆلچەرىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي ئىجارىسى تېز ئۆرلىگەنلىكتىن، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمىنى ئاشۇرغان.
2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆي باھاسى بىر ئاز چۈشكەن، قىسقا مۇددەت تەمىنلەش قىس بولۇش ۋەزىيىتى سەل پەسەيگەن.
3-، 4-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ ئورنىغا پۇل بېرىش سىياسىتى ئاجىزلاپ، تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتى 1-، 2-سەپتىكى شەھەرلەردىن 3-، 4-سەپتىكى شەھەرلەرگە چوڭقۇرلىغان، بۇنىڭ 3-، 4- سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بىرقەدەر كۈچلۈك تورمۇزلاش رولى بولغان.
دوكلاتتا كۆپ خىل ئامىللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قىياس قىلىنىش ئاساسىدا، مۇنداق دېيىلدى: قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، 1-سەپتىكى، كاندىدات 1-سەپتىكى ۋە شۇنىڭدەك 2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرى 9-ئاي، 10-ئايدا ئاۋالقىدەك ئاۋات بولمىدى، ئۆي باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە تۆۋەنلىدى. 3-، 4-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر