باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كۇالكوم شىركىتىنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى: 5G تېخنىكىسى ئادەملەر بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئالاقە ئالماشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دېدى

2018.09.18 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئابۇنىتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۇالكوم شىركىتى ھەم ناتونۇش ھەم تونۇش بولغان شىركەت. نۇرغۇن كىشىلەر ھەركۈنى ئىشلىتىدىغان شىياۋمى، خۇاۋېي، سامسۇڭ قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلار بىلەن كۇالكوم شىركىتىنىڭ جەسۇر ئەجدىھا ئۆزىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەتتە، ھەممە بىلىدىغان جەسۇر ئەجدىھا ئۆزىكىنى كۇالكوم شىركىتى ئاساسىي پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ئەندىزىسى ۋە يېڭى ئىستېمال تەجرىبىسىگە ئاساسەن بارلىققا كەلتۈرگەن.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ئەقلى كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، كۇالكوم شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش لىدىرى، باش تىجارەت ئەمەلدارى پېنني بالدۋىن خەلق تورىنىڭ چۇڭچىڭدىن تارقىتىدىغان «ئەقىل ● داڭلىق شەخسلەر سۆھبىتى»گە مېھمان بولۇپ قاتنىشىپ، كۇالكوم شىركىتىنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيانىڭ ئۇلاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، 5G تېخنىكىسى ئارقىلىق ئادەم بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئالاقە ئالماشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كەسىپلەردە ئەقىل شەھەر تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  5G تېخنىكىسى ئادەم بىلەن بارلىق شەيئىلەرنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ قالىدۇ
جۇڭگودا ھەر كۈنى نەچچە يۈز مىليونلىغان ئابۇنت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلار ئارقىلىق كۇالكوم تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. G5 دەۋرى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان تېخنىكا ئېلېكتىر كۈچىگە ئوخشاش مۇھىم ۋە ھەممە يەردە بولمىسا بولمايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  5G تېخنىكىسى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئادەم بىلەن نەرسە، نەرسە بىلەن نەرسە ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق ئۆز ئارا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. پېننىي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە، ماشىنا ۋە توڭلاتقۇ، ھەتتا دوخوپكا ۋە بولكا ياساش ماشىنىسى قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىمۇ G5 تېخنىكىسى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئادەم يەنە G5 تېخنىكىسى ئارقىلىق بارلىق شەيئىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ».

  پېننىينىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ : «5G تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى كۇالكوم شىركىتى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى باشلىغان، بىز يەنە ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ. 5G تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز»، دېدى.

  «تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى» ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

  كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر بارغانسېرى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا رەسىم چىقىرىش ۋە بىۋاسىتە سىن فىلىمى تارقىتىش، GPS تېخنىكىسى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش، خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق پاراڭلىشىش قاتارلىقلار، بۇ ئوي-پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشتى.

  نۆۋەتتە، كۇالكوم شىركىتى، 5Gتېخنىكىسىنى قوللىنىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۇ تېخنىكىنى ماشىنا سانائىتىدىمۇ قوللانماقچى بولۇۋاتىدۇ. پېننىي بالدۋىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇالكوم شىركىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى «تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى» ئىكەن. ئۇنداقتا، خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ ھەقتە پېننىي كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ جانلىق مىسال ئېلىپ: « بىر جەسۇر ئەجدىھا بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن ئاپتوموبىلدا، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى تۆت يۆنىلىشتىكى ئورۇندا ھەر ۋاقىت سۈزۈك فىلىم قويغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، شوپۇرنى يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ مەشغۇلاتلار تاختىسى يول-كوچىلار بىلەن ئۇلانغان بولۇپ، قاتناش چىرىغىنىڭ قىزىل ۋە يېشىل چىراغ ئۆزگەرتىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتنى توغرا ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ رېئال ۋاقىتقا يۈز بىرىدۇ، يەنە ئاپتوموبىل ئۆزىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تۆت ئەتراپتىكى باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىپ، ھادىسە يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. مانا بۇ كۇالكوم تەسەۋۋۇرىنىڭ كەلگۈسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر تۇرمۇشىدىكى كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرى»، دېدى.

  5G تېخنىكىسى تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. پېننىي تونۇشتۇرۇپ: كۇالكوم يىراقتىن ئۇلاش ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى يەنە تور بىرلەشمە ئاپتوموبىللىرىغىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە جۇڭگو شىركەتلىرى بىلەن تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ، بۇ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلارنى كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشتا ھەقىقىي ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر