9- ئاينىڭ 17- كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمىكى دۆلەت تېز مۇز تېيىلىش سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىنى تەكشۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى پايتەخت پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئىش بېجىرىش رايونىدا ئېچىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمىكى پايتەخت پولات-تۆمۈر شىركىتى قار تېيىلىش چوڭ سەكرەش سۇپىسى، دۆلەت تېز مۇز تېيىلىش سارىيى، ئولىمپىك مۇنارى، دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى، دۆلەت تەنتەربىيە سارىيى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتى قاتارلىق بېيجىڭدىكى مۇسابىقە رايونلىرىنىڭ مۇسابىقە سارايلىرى ۋە مۇسابىقە قىلىنمايدىغان مەيدانلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزىدە جۇڭگونىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى