باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-كۇبا ئىككى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.09.18 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-كۇبا ئىككى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 17- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى» ئاساسىي تېما قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەت مىنىستىرى بالاگېر يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  سۇڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە شۇجى رائۇلنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى ئاستىدا، ئىككى پارتىيە ئالاقىسىدا كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك يىپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، ھازىر جۇڭگو بىلەن كۇبا ئىككى دۆلەت سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى باسقۇچتا تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولسا، ئىككى تەرەپ دۇچ كەلگەن رېئال خىرىس ۋە تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت. سۇڭ تاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى لېيبورىستلار كۇبا كومپارتىيەسى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ.

  يىغىندىن ئىلگىرى، سۇڭ تاۋ بالاگېر باشچىلىقىدىكى كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر