باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىشتىھا ياخشى بولۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر چوڭ ئالدىنقى شەرتى

ياشانغانلارنىڭ تاماقنى ياخشى يېيىشىگە ياردەم بېرىدىغان تۆت ياخشى ئامال

2017.09.15 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشتىھا ياخشى بولۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر چوڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئەمما، نۇرغۇن ياشانغانلار نېمىلا يېسە تېتىمايدۇ. بۇ ئاسانلا سەل قارىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە ياشانغانلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق،دەيمىز. بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولغاندا، ياپونىيە «دىژۇرنالنىڭ مودېرن زامانى» ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتى شۇنى تەۋسىيە قىلدىكى، تۆۋەندە دېيىلگەن سەۋەبلەر بارمۇ-يوق؟ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا تەڭشەش ۋە داۋالاش كېرەك.

  بىرىنچىسى: ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. يالغۇزلۇق كۆپىنچە ھاللدا ياشانغانلارنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇلدۇرۇپ قويىدۇ. مەسىلەن، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ دائىم يالغۇز بىرلا ئادەم تاماق ئېتىشى ۋە تاماق يېيىشى مەنىسىز بولغانلىقتىن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ياشانغانلار ئۇزاق ۋاقىت روھسىز ھالەتتە يۈرىۋاتقان بولسا، پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم سوراپ بېقىش كېرەك.

  ئىككىنچىسى: بەدەندىكى بىنورماللىقنى بايقاش كېرەك. چوڭ مېڭە، نېرۋا، قان سۇيۇقلىقى، ئىچكى ئەزا، نەپەسلىنىش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئەلۋەتتە ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئۇلارنىڭ چايناش ۋە يۇتۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى چېكىنىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تاماق يېيىشى ئادەتتە ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالىدۇ.

  ئېغىز بوشلۇقى مۇھىتى بىرقەدەر ناچار بولغاندا، مەسىلەن، چىشنى قۇرت يېگەندە، ياكى چىش مىلىكىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە، ياكى يالغان چىشى مۇۋاپىق كەلمىگەندە، ياشانغانلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، كۆڭلى تاماق تارتماس بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى: تاماق يېگۈزۈش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولسا، تەبئىيلا قورسىقى ئاچماس بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ياشانغانلارغا تاماق يېگۈزۈش كېرەك بولسا، يەنە بەدەن ھالىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تاماق يېگەندە ئېڭەكنى بەك يۇقىرى كۆتۈرۈۋېلىش، باش قىسمىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يانتۇ بۇرىۋېلىش، بەدەننى رۇست تۇتماي، زىيادە ئالدىغا ئېڭىشىۋېلىش دېگەندەك قىياپەتلەردە بولغاندا، ياشانغانلار تۈگۈل، ھەتتا ساغلام ئادەملەرمۇ يېمەكلىكلەرنى ئاسان يۇتالمايدۇ، ئاغرىپ قالغان ياشانغانلارنىڭ يۇتۇشى ئەلۋەتتە تېخىمۇ تەس بولىدۇ. ياشانغانلاردىن خەۋەر ئالغۇچىلار ياشانغانلارنىڭ ئېغىزىغا قوشۇقنى بەك تېز ياكى بەك ئاستا سۇنۇشىمۇ تاماق يېيىشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەملىشىپ، تاماق يېگۈزۈش ماھارىتىنى ئىگىلەش لازىم.

  تۆتىنچىسى: يىمەكلىكلەرنى بەك يۇمشاق ئېزىۋەتمەسلىك لازىم. بەزىلەر، ئوزۇقلىنىش ئىقتىدارى ناچار بولغان ياشانغانلار ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ئۇششاق پارچىلاپ ئاندىن يېيىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. بەك ئۇششاق يېمەكلىكلەر ياشانغانلارنى ئاسانلا قېقىلدۇرۇۋېتىدۇ، چاينىمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئېھتىياجغا قاراپ يېمەكلىكنىڭ ھالىتى ۋە شەكلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر