باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بەدەن يەتتە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش سىگنالى بەرگەندە پەخەس بولۇڭ

2017.08.31 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەدەندە مەسىلە كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىدا، بەدەن بەزىدە «ئۆزلۈكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش» شەكلى ئارقىلىق، قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش سىگنالى بېرىدۇ. بۇ سىگناللارغا سەل قارىغاندا، ئېغىر دەرىجىدىكى سالامەتلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى «تۇرمۇشتا ئالدىنى ئېلىش تورى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، بەدەن چىقارغان يەتتە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش سىگنالىنى خۇلاسە قىلغان. ئۇ يەتتە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش سىگنالى تۆۋەندىكىچە:

   تېرە قۇرغاقلىشىش: ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى داڭلىق تېرە كېسىلى مۇتەخەسسىسى دېبورا جارىد دوكتور مۇنداق دېدى: تېرە قۇرغاقلىشىشتا كۆپ خىل سەۋەبلەر بار، ھاۋا قۇرغاق بولۇش ۋە زىيادە پاكىز بولۇشتىن باشقا، ۋىتامىن E كەم بولۇشمۇ ئۇنىڭ بىر چوڭ سەۋەبىدۇر.بۇنداق ۋاقىتتا، يېڭى كۆكتات، قاتتىق مېۋە ۋە بېلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا، ۋىتامىن E تولۇقلاپ بېرىشنىڭ تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى پەسەيتىشكە پايدىسى كۆپ.

   تىرناق ۋە چاچ چۈرۈكلىشىش: تىرناق ۋە چاچنىڭ چۈرۈكلىشىشى ئوزۇقلۇق كەملىكتىن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، سىنك (دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە گۆش قاتارلىقلاردا بولىدۇ)، تۆمۈر (قىزىل گۆش، توخۇ گۆشى ۋە تۇخۇم قاتارلىقلاردا بولىدۇ)، ۋىتامىن C (شىرنىلىك مېۋە ۋە ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋە-چىۋە ۋە يېڭى كۆكتات قاتارلىقلاردا بولىدۇ) ۋە B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنى (ھايۋانات جىگىرى، كالا سۈتى، موگۇ، چېچەكسەي، سەۋزە ۋە ئۈچ چىپار بېلىق قاتارلىقلاردا بولىدۇ) تولۇقلاپ بېرىش كېرەك.

   چىش مىلىكى قاناش: ئامېرىكا كاڭنەيتىلگا ئوبلاستى نورۋاق تېببىي مەركىزىنىڭ دوكتورى مايكو كاپۇنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىشى ئۇشتۇمتۇت قاناپ كەتسە ياكى چىشىنى چوتكىلىغاندا دائىم قانىسا، ۋىتامىن C كەمچىل بولغانلىقنىڭ مۇھىم سىگنالى. بۇنداق كىشىلەرئادەتتە يېمەك-ئىچمىكىدە ئاپېلسىن قاتارلىق ئاپېلسىنلار مېۋە، پالەك، كۆكمۇچ، قىزىل قاپاق لازا، پەمىدۇر ۋە كاللەكبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك.

   تاتلىق يېمەكلىككە ئالاھىدە ئامراق بولۇش: ئامېرىكا رويخەتكە ئالدۇرغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ناتالىي باتلېر دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاتلىق يېمەكلىكنى تۇيۇقسىز يېگۈسى كېلىپ كەتسە،بۇ بەلكىم بېسىمى بەك چوڭ بولۇپ غانلىق كەتكەنلىك، قاتتىق چارچىغانلىق ياكى كەيپىياتى چۈشكۈن بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، بەدەنگە گىلۇكوزا تولۇقلاش زۆرۈر. بۇ چاغدا ئازراق قارا شاكىلات ياكى ھەسەل يەپ بېرىش، ئەمما باشقا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تەلۋىلەرچە يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىش: باتلېر دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوغۇق نەرسىلەرنى يېگۈسى كەلگەندە، بەدەندە قان ئازلىق ياكى تۆمۈر كەم بولغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا، تېخىمۇ ساغلام بولۇشنىڭ ئۇسۇلى بولسا، كالا گۆشى، تۇخۇم ۋە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار دېگەندەك تەركىبىدە تۆمۈر بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. ئەگەر، مۇزلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى بەك يېگۈسى كەلسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

   ئۇيقۇسىزلىق، تىت-تىت بولۇش ۋە پۇت تارتىشىش: ئامېرىكا نىيۇيوركتىكى شەكىل تۈزەش دوختۇرخانىسى ھەرىكەت تېبابىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى جوردان مەلتزەر دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيقۇسىزلىق، تىت-تىت بولۇش ۋە پۇت تارتىشىش ھادىسىسى بەدەندە مىكروئېلېمېنت ماگنىي ۋە كالىي كەمچىل بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. دورا ئارقىلىق ماگنىي ۋە كالىي تولۇقلىغاندىن باشقا، يەنە پەمىدۇر، بانان ۋە پالەك قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

   كۆز رەڭدار پەردىدە ئاق رەڭلىك ھالقىسىمان نەرسە پەيدا بولۇش: ئامېرىكا مىچگان ئىشتاتىدىكى ھېنرى فورد كۆرۈش سېزىمى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لېسراسسېس موگۋې دوكتور مۇنداق دېدى: 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ كۆز رەڭدار پەردىسىدە ئاق رەڭلىك ھالقىسىمان نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشى نورمال ئەھۋال، لېكىن ياشلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بەلكىم بەدەندىكى خولېستېرىن سەۋىيەسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر