باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتىنى ھەرگىز ئۆزىڭىز تەڭشىۋالماڭ

2016.10.20 08:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە، ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدىغانلار كۆپىيىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئوكۇلنى تېزراق سالدۇرۇپ بولۇپ دەرھال قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ، ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتىنى ئۆزى تېزلىتىپ قويىدۇ. يەنە بەزىلەر سەل بىئاراملىق ھېس قىلغاندا، ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتىنى ئۆزى ئاستىلىتىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاسما ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى بىلەن دورا ئۈنۈمى ۋە ناچار رېئاكسىيە زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئاسما ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى چوقۇم ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇشى كېرەك.

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چوڭلارغا نىسبەتەن ئاسما ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 40-60 تامچە بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى بولسا بارغانچە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولىدۇ، شۇڭا، بالىلار ۋە ياشانغانلارغا سالىدىغان ئاسما ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى كېرەك، بالىلارغا ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 20-40 تامچە بولۇشى كېرەك، ياشانغانلار ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 40 تامچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  بەزى ئالاھىدە بىمارلار، مەسىلەن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار (بولۇپمۇ يۈرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغانلار) ياكى ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولۇشى كېرەك، مىنۇتىغا 30-40 تامچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتسە، ئاسانلا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى كېلىپ چىقىش دېگەندەك ناچار رېئاكسىيەلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ناترىي نىتروفېررىسىئانىدنى تېمىتقاندا، تېمىش سۈرئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، زىيادە تېز بولسا، قان بېسىمىنى جىددىي تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. نىترو گىلىتسېرىن، يەككە نىترات ئىزوسوربىد ئېستېر دېگەنلەرنىڭ تېمىش سۈرئىتى ھەر مىنۇتتا 8-15 تامچە بولۇش كېرەك، بەك تېز بولۇپ كەتسە، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىپ كېتىدۇ، بىمار ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ. بادام بېزى ياللۇغى ۋە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى داۋالايدىغان ئانتىبىيوتىك كلىنىمىتسىن، ھەر 0.3 گىرامغا 50 ~ 100 مىللىلىتىر فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى ياكى %5لىك گىلۇكوزا ئېرىتمىسى سۇيۇلدۇرۇش توغرا كېلىدۇ، ئاستا تېمىتىش كېرەك، ئادەتتە مىنۇتىغا 20 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر تامچە بەك تېز بولۇپ كەتسە، قان تومۇر ياللۇغى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولىدۇ، ھەتتا قان تومۇرلار ئىدارە قىلىدىغان ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاسما ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتى قانچە ئاستا بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاسما ئوكۇلنىڭ تېمىش سۈرئىتىنى تەڭشەش كېرەك. مەسىلەن، باش ئىچى بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەن بەزى بىمارنى داۋالىغاندا، تامچە سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ كەتسە، باش ئىچى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپچىلىككە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئەگەر تېمىش سۈرئىتىنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن تېببىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراڭ. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىز ۋە ئېھتىياجىڭىزنى ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ، ئۇلار مۇناسىپ ھالدا تەڭشەپ قويىدۇ. يەنە بىر ئەسكەرتىش شۇكى، كىلىنىكىلىق جەھەتتە نۇرغۇن بىمارلار سەل ساقسىز بولۇپ قالسىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار شۇنى بىلمەيدۇكى، ئاسما ئوكۇل سېلىش ئەمەلىيەتتە بىر ئوپېراتسىيەدىن قىلىشمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر