باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىغا خىلاپ يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.10.20 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى خېنەن ئۆلكىسى سەنمېنشيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاۋ خەييەننىڭ باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىدىكى ئۆزگىرىش ئۈچۈن قويغان كۆڭلىنى قوبۇل قىلىپ باشقىلارغا تاپىلىغانلىقى قاتارلىق نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىغا خىلاپ يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ھازىر نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بويىچە باشلاندى، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى نىسبەتەن مەركەزلىك باسقۇچقا كىردى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە تەشكىلات تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، لياۋنىڭدىكى ئاۋاز توپلاپ سايلامدا پارا بېرىش دېلوسى، خۇنەننىڭ خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى، سىچۈەننىڭ نەنچۇڭدىكى ئاۋاز توپلاپ سايلامدا پارا بېرىش دېلوسىدىن ساۋاق ئېلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قەتئىي سەۋر قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ ساغلام كەيپىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر