باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.10.20 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ 16-ئۆكتەبىر ئاشكارىلىشىچە، ئىرېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق 40قا يېقىن دۆلەت رايوندىكى 500دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزىلىدىغان 2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ يىللىق يىغىنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان 2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى ئىرېلاندىيە بولۇپ، ئىرېلاندىيە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باشقارمىسى يەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپ، نۇرغۇن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى، كەسپىي ئىنستىتۇتلارنى مائارىپ كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرىدىكەن. بۇندىن باشقا، جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى قوللىغان ۋە قاتناشقان 20 دۆلەتنىڭ كۆرگەزمە ئۆمىكىمۇ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى، پەن-تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى ۋە مائارىپنىڭ خەلقئارالىشىش ئەھۋالىنى كۆپ نۇقتا، كۆپ قاتلامدىن كۆرگەزمە قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر