باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 10-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ 3-تۈركۈمدىكى ئىنكاس ئەھۋالى مەركەزلىك ئېلان قىلىندى

2016.10.20 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشىدە 17-دېكابىر 3-تۈركۈمدىكى ئىنكاس ئەھۋالى مەركەزلىك ئېلان قىلىندى، بۇ مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت بىدئەتچىلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت بەش ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا چېتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللار تولۇق ئېلان قىلىنىپ بولدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە بۇ ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارغا چېتىلىدىغان بىر قىسىم مەسىلە ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر