باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەزمۇن

2016.06.16 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۆۋەندە بۇ كىتابتىكى بىر قانچە مۇھىم مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  «ياشلار ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك» دېگەن قىسمى يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بولۇپ، بۇ سۆزدە بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئۇزاق، ئەڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى كۈچنىڭ ئومۇمىي جەمئىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يادرولۇق قىممەت قارىشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  دۆلىتىمىز 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇس، 56 مىللەت بار چوڭ دۆلەت، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان قىممەت قارىشى «ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچ سانى» ئومۇمىي خەلقنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  مۇھىم سۆزدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ياشلار قىممەت قارىشى شەكىللىنىدىغان ۋە مۇقىملىشىدىغان مەزگىلدە بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى قىممەت قارىشىنىڭ يېتىلىشىنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خۇددى كىيىم كىيگەندە تۈگمىسىنى ئەتكەنگە ئوخشاش، ھاياتلىقنىڭ تۈگمىسىنىمۇ باشلىنىشىدىنلا ياخشى ئېتىپ مېڭىش لازىم. ياشلار ھازىردىن، ئۆزىدىن باشلاپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى قىلىشى لازىم.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى» دېگەن قىسمىنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئورتاق ئېلان قىلغان. «ئارزۇ ۋە ھەرىكەت» دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئورتاق قۇرۇش پىرىنسىپى، رامكا پىكىر يولى، ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسى، ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق تەرەپلەردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تەشەببۇسى ۋە ماھىيىتىنى بايان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى يۆنىلىش ۋە ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئارزۇ ۋە ھەرىكەت»تە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئېھتىياجى ھەم ئاسىيا-ياۋروپا-ئافرىقا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان نەپ يەتكۈزۈشچان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭمۇ ئېھتىياجىدۇر. جۇڭگو كۈچى يەتكەن دائىرىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  «پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار <ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش> تەلىپى بويىچە ئۆزىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن قىسمى يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 26-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان سۆزى بولۇپ، بۇ قىسىمدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەھبىرىي كادىرلار «ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، روھى تۈۋرۈكنى تىك تۇتۇشى؛ كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تەپسىلاتىغا ئەھمىيەت بېرىشى؛ ئۆزىنى ئاڭلىق ئۆزگەرتىشى؛ پىكىر-تەكلىپلەرنى قۇبۇل قىلىشى لازىم. «ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق «ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» تەلىپى ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار» تەلىپى بويىچە ئۆزىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <ج ك پ ئىنتىزام جازاسى نىزامى>نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان. «نىزام» جەمئىي ئۈچ بۆلۈم، 11 باب، 133 ماددا بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ تەلىپىنى چۆرىدەپ، ناتوغرا ئەھۋاللار تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىلىپ، قائىدە تۈزۈش نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، پارتىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەر كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېگىشكە بولمايدىغان چەك سىزىقى سىزىپ چىقىلدى. بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە نىزامى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قانۇن-نىزاملارنىڭ نوپۇزىنى، سۈرلۈكلۈكىنى ھەقىقىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت، قارار ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار.

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپى» 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك بەشىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان. «تەكلىپ» جەمئىي سەككىز قىسىم بولۇپ، «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان»نىڭ كۆرسەتمىلىك ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان تەلىپى، ئاساسىي ئىدىيەسى، مۇھىم تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سىخېمىسى سىزىپ چىقىلدى. «تەكلىپ» پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر