باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سوۋغا قىلغان كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك (ئەتراپتىكى ئىشلار)

2016.02.14 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بىر دېھقان بىر يېڭى توك چۆگۈننى ئىشلەتكەن چاغدا توك سوقۇۋەتكەن. ئەسلىدە، بۇ توك چۆگۈننى ئۇلار يېقىندا ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالغاندا، سودىگەرلەر سوۋغات سۈپىتىدە سوۋغا قىلغان ئىكەن. بۇ ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ توك چۆگۈننىڭ ئىشلىنىشى قوپال، سۈپىتى ناچار، پۈتۈنلەي ناچار مەھسۇلات ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

  نۆۋەتتە، بەزى سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش ھەم تاۋارلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «پائالىيەت»ئۆتكۈزۈشنى باھانە قىلىپ، چوڭ تىپتىكى ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتر سايمانلىرى قاتارلىق تاۋارلارنى ساتىدىغان چاغدا، كۆپ ھاللاردا بەزى توكلۇق چاچ قۇرۇتقۇچ، توك ئوچىقى، توك چۆگۈن دېگەندەك كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سوۋغا سۈپىتىدە سوۋغا قىلىدۇ، بۇ ئەسلىدە يامان ئىش بولۇشى ناتايىن ئىدى. لېكىن ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھازىر بەزى سودىگەرلەر سودا ئەخلاقىغا سەل قاراپ، مەخسۇس بەزى «ئۈچ يوق» ياكى ساختا كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىپ سوۋغان سۈپىتى بىلەن سوۋغا قىلىدۇ. سودىگرلەر «ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش» دائىرىسى ئىچىدە ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن، بۇ سوۋغاتلارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بار بولسا ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، سوۋغەت قىلغان سودىگەرلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىمۇ ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل سوۋغات جەمئىيەتكە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى ئېنىق، بولۇپمۇ بىر قىسىم يېزا ئىستېمالچىلىرى ئەسلىدىلا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى بىلىمى كەمچىل ياكى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەدىيە قىلغان ناچار ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئىشلەتكەندە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

  بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلار ھەدىيە قىلىنغان ئائىلە ئېلېكترلىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەستايىدىل ئۇنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈپ، ياكى كەسىپ ئەھلىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ سۈپۈتىنى تەكشۈرگۈزۈش كېرەك، ئومۇمەن«ئۈچ يوق» ياكى ساختا« ھەدىيە تۈرى» دەپ بېكىتىلگەن ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى، قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك، باشقىلارغا سوۋغا قىلىشقىمۇ ھەرگىز بولمايدۇ. سۈپەت تەكشۈرۈش، سودا-سانائەت قاتارلىق تارماقلار بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ناچار كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ھەدىيە قىلىش سۈپىتىدە جەمئىيەتكە كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر