باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

بۇ ئالەم

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.06.26 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەسخىرە قىپ ھىجايما ئامەت ساڭا يار بولسا،
ئۇنىڭسىزمۇ دەردمەننىڭ يۈرىكىدە پىچاق بار.
ئۆتۈنۈپ بەر كەڭ يولنى ماڭار يولى تار بولسا،
ھەممىمىزگە تەقدىردىن بىر كۈن سوئال- سوراق بار.

ئۆز بەختىڭدىن كېرىلمە توققۇزۇم تەل، تولۇق دەپ،
بۇ ئۆتكۈنچى بىر ئالەم زامان ساڭا باقمايدۇ.
ھازىرىڭدىن ماختانما مېنىڭ گېپىم يوللۇق دەپ،
ماختىنىشىڭ غەمناكنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ.

ھىممەت كۆرسەت، يول كۆرسەت، ئاشۇ مەردنىڭ خىسلىتى،
(يىرتىقىغا سەپسالما!)
تۇرمۇش ئاڭا بېخىلكەن.
بىر نان تاپساڭ بۆلۈپ بەر، ئاشسۇن ساڭا ھۆرمىتى،
دېسۇن ھەممە ئىشىڭدىن: مەرد كىشىكە، ئېسىلكەن.

بۆلۈپ بېرەر بۇ ھايات ھەر قىسمەتنى ئادەمگە،
ئۆمرى ئۆتەر شۇ يولدا جاپا بىلەن ئېلىشىپ.
نېسىۋىمىز بۆلەك، تەڭ يارالساقمۇ ئالەمگە،
ھەممىسىدە بىر غەم بار چۈشىنىپ باق سىردىشىپ.

قاراپ باققىن بىرىنىڭ كاللەك- كاللەك پۇلى بار،
بىراق ئۇنىڭ كۆڭلىدىن خاتىرجەملىك يوقالغان.
قاراپ باققىن بىرىنىڭ ھوقۇقى بار، يولى بار،
ئەمەل، ھوقۇق دەردىدە يۈرەكلىرى چايقالغان.

قاراپ باققىن سائىلغا بۇردا نان دەپ تەلمۈرەر،
كۆزلىرىدە ئۈنچىلەر يېتىم تۇرار بىر چەتتە.
بۇ ئالەمدە ئىنسانلار ھەر قىسمەتتە يول يۈرەر،
قىسمەن شادلىق كۆرۈپلا كېرىلمەيلى ئەلۋەتتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر