باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئەھمىيىتى زور

2015.06.26 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈلۈشكۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 3-سېنتەبىر بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى جۈملىدىن ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتچىلىك: جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ ھېسابلىدى.

  مالايسىيا زۇڭلىسىنىڭ سابىق سىياسىي كاتىپى، ئالىم خۇ يىشەن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ سوت ئىتتىپاقى ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بىرلىكتە تىرىشىقاچقىلا ئاندىن شۇ چاغدىكى فاشىستلارنىڭ ئىنسانلارغا، مەدەنىيەتكە قارشى زوراۋان قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلگەن، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلىشىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق ئەھمىيىتى بار.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى چەتئەلدىكى مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلارنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ.

  رۇسىيە جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى كۇلىكوۋا مۇنداق دېدى: رۇسىيە فېدېراتسىيە قوراللىق قىسمى جۇڭگوغا بېرىپ پاراتقا قاتنىشىدۇ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىر تۈركۈم پېشقەدەم جەڭچىلەرمۇ پاراتقا قاتنىشىدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مىۋىسىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئامېرىكا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: بۇ قېتىمقى پارات سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ دېيىلدى.

  كورىيە KBSتېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، YTN تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، نيۇۋشىس ئاگېنتلىقى، «مەدەنىيەت گېزىتى» قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بەس بەستە خەۋەر قىلدى.

  فىلىپپىندا چىقىدىغان «سودا گېزىتى» يېرىم بېتىگە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى باستى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر