باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو –رۇسىيە تاراتقۇلار مۇنبىرى رۇسىيە ئۆتكۈزۈلدى

2015.06.26 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ چىباۋ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو- رۇسىيە تاراتقۇلار مۇنبىرى 25- ئىيۇن رۇسىيەنىڭ سانكىت- پېتىربورگدا باشلاندى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇۋ چىباۋ ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ 1- مۇئاۋىن مۇدىرى گېرموۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مۇنبەردە «ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرىدىكى خەلقئارا تارقىتىش» باش تېما قىلىندى. ليۇۋ چىباۋ «ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو- رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرى ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۇسۇلىغا قايتا ئېنىقلىما بەردى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاراتقۇلار تەرەققىياتىدىكى «ئايلانمىدا يانداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۇرسەت ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. ليۇۋ چىباۋ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، تاراتقۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىدىن گگۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ تاراتقۇلارنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر